首页 > 手机软件 > بۇلبۇلگويا

بۇلبۇلگويا

20.42 MB 简体中文
免费
苹果
音乐 Abdurahman Turhun
135
2017-11-16 04:05:02
查看更多

应用截图

  • 第1张截图
  • 第2张截图
  • 第3张截图
  • 第4张截图

游戏简介

بۇلبۇلگويا - BULBULGOYA رېھسان ئىجراسىدىكى بۇلبۇلگويا قاتارلىق نادىر ئىجادىي كۈيلەرمۇجەسسەملەنگەن بىرناخشا ئەپ دىتالى بولۇپ، بۇ ئابدۇراھمان تۇرغۇن رېھساننىڭ رەسىمچىك ناملىق كۆپ تىللىق ئەپ دىتاللىرىدىن كىيىنكى يەنە بىر كاتتا ئىجادىيېتى ھىسابلىنىدۇ،بۇ ئەپ دىتالىغا رېھسان ئۆزى تېكېست يىزىپ، ئۆزى مۇزىكا ئىشلەپ، ئۆزى ئاكورتلاشتۇرۇپ،ئۆزى ئورۇنلاپ ،ئۆزى ئۈنگە ئىلىپ رەتلىگەن شوخ نادىر ئىجادىي كۈيلىرىدىن بىرقىسىم ئ‍ىجادىي ناخشېلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كەڭ تاماششىبىنلىرىمىزغا ئۆزگىچە ھوزۇر بىغىشلىغۇسى. بۇلبۇلگويا - BULBULGOYA قەدىمكى رىۋايەتلەردىكى ئىنتايىن گۈزەل بىرقۇش بولۇپ، ئۇبۇلبۇلنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن،بۇلبۇل ئىشقىدا كىچىلەر-كۈندۈزئ‍اھۇ پەرياد چىكىدىكەن، بىراق بۇلبۇل بولسا گۈلنى ياخشى كۆرىدىكەن، بۇلبۇل گۈل ئىشقىدا سايرايدىكەن، بىراق گۈل بولسا ئەتراپىدىكى پەرۋانىلەر كىپىنەكلەر بىلەن ئاۋارە ئىكەن، بۇلبۇل ھەرقىتىم گۈل ئىشقىدا سايرىسا ئۇنىڭ ئەتراپىغا قاغا قۇزغۇنلار، تىكەن شۇمبۇيالار كىلىۋالىدىكەن....بۇ قەدىمقى رىۋايەتلەردىكى تولىمۇ گۈزەل بىر مۇھابەت ھىكايىسى. بۇلبۇلگويا - BULBULGOYA ناملىق ئەپ دىتالى دەل رىئاللىقتىكى يۇقارقىدەك مۇھاببەت ھىكايىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بىر ئەپ شەكىلدىكى سېفىرلىق ئەپ پىلاستىنكېسى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر سەنئېتىگە نىسبەتەن قاپلىق ئ‍ۈنئالغۇ لىنتېسى ، CD ،DVD,VCD پىلاستىنكېلىرىدىن كىيىنكى يىڭى بىر شەكىلدە سەنئەتنى ئىقتىسادلاشتۇرۇشنىڭ يىڭى سەھپىسىنى ئاچقان تۇنجى سېفىرلىق ئەپ پىلاستىنكېسى بولۇپ قالغۇسى. مۇقەررەركى، سېفىرلىق ئەپ پىلاستىنكىسى ئۇقۇمى مۇشۇ ئەپدىن باشلاپ يىقىن كەلگۈسىدە زور كۆلەمدە دەۋر ئىقىمىغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ ۋە ئۇيغۇر سەنئېتىنى تىخىمۇ جانلاندۇرۇشقا يۈزلەندۈرىدۇ.خۇددى ئەينى چاغلاردا قاپلىق ئۈنئالغۇ لىنتېسى بازار تېپىپ كەتكەن بولسا، كيىن CD ،DVD,VCD پىلاستىنكېلىرى تەرەققى قىلىپ ئۈنئالغۇ لىنتېلىرى بازاردىن چېكىنكەن ئىدى.مانا ئەمدى CD ،DVD,VCD پىلاستىنكېلىرىمۇ دەۋر تەرەققىياتى تەرىپىدىن بازاردىن شاللىنىپ تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ،مانا ئەمدى ئەپ پىلاستىنكېسى دەۋر ئىقىمىغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ، ئىشىنىمەنكى،سەنئېتىمىز بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ۋە ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن مۇجەسسەملەنگەن ھالدا ئەڭ مودا ئەڭ يارقىن رەۋشتە ، ھەقلىق شەكىلدە، ماس قەدەمدە دەۋرتەرەققىياتىنىڭ ئالدىدا زەبەردەست، قەددى تىك ماڭالايدۇ، بۇنىڭغا شەخسەن مېىنىڭ ئىشەنچىم كامىل، چۈنكى مەن سەنئەتنى سۆيىمەن، بولۇپمۇئۇيغۇرسەنئېتىنى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى جان دەپ سۆيىمەن،نۇرغۇنلىغان تالانتلىق سەنئەتكارلىرىمىزبار،ئۇلارغا قەلبىم تۆرىدىن ھۆرمىتىم چوڭقۇر.بۇ سېفىرلىق ئەپ پىلاستىنىكىسىنى دەل مانا مۇشۇنداق دەۋر ئارقا كۆرنىشى ئاستىدا تۈزۈپ چىقتىم، بۇنداق سېفىرلىق ئەپ پىلاستىنكېسىنى تۈزۈشتىن مەخسەت ئىككى،بىرى، بۇ ئارقىلىق كەڭ ئۈن-سىن مەركەزلىرى ۋە بارلىق سەنئەتكارلار بىلەن يىقىندىن ھەمكارلىشىپ، كۆپچىلىككە مانا مۇشۇنداق ھەقلىق ئەپ پىلاستىنكىسى تۈزۈب بىرىش ، يەنە بىرى ئۆزۈمنىڭ سەنئەت ئىجادىيەتلىرىمدىن دۇنيادىكى كەڭ سەنئەت سۆيەر كىشىلەرنى ھەمبەھرىمان قىلىش ئۈچۈن بۇ ئەپ پىلاستىنكىسىنى تۈزدۇم. بۇ ئەپنىڭ تۇنجى نەشىرىدە نۇرغۇن جەلىپكار يارقىن نۇقتىلار بار بولۇپ، ئەپ قوزغالغاندا بۇلبۇلگويانىڭ يىقىملىق مۇزىكېسى ئاڭلىنىدۇ ۋە ئېكراندا ئاقار يۇلتۇزلار ئېقىپ چۈشىدۇ، ئېكرانغا بارماق سۈرتۈش ئارقىلىق ئاقار يۇلتۇزلارنى تۇتۇۋىلىشقا ،ئاستى-ئۈستى ئۇچۇرۇشقا بولىدۇ. ئايفۇننى سىلكىش ئارقىلىق كىيىنكى ناخشىغا يۆتكەشكە بولىدۇ،ناخشا قويۇلۇۋاتقاندا ئايفۇننى قۇلاق تۈۋىگە ئىلىپ كەلگەندە ناخشا ئاۋازى ئۆزلۈگىدىن تۆۋەنلەيدۇ،يىراقلاتسا يۇقىرىلايدۇ. ناخشا قويۇلۇۋاتقاندا تېلېفۇن كەلسە ناخشا ئۆزلۈگىدىن توختاپ تۇرۇپ، تېلېفۇن ئاياغلاشقاندا ناخشا كەلگەن يىرىدىن داۋاملىشىپ قويىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدىغان كاتتا بىر تۇنجى يىڭىلىق يەنى ناخشا قويۇلۇۋاتقاندا ناخشا تېكىستى ماس قەدەمدە بويىلىپ تۇرىدۇ. باشقا ئىقتىدارلار ۋە ئەپ چۈشەندۈرىلىشى ئەپ ئىچىگە مۇجەسسەملەنگەن، قىسقېسى،مەزكۈر ئىجادىيەتلىرىم ئارقىلىق كەڭ تاماشىبىنلارغا ھوزۇر بىغىشلىيالىسام مەن شۇنىڭدىن خۇرسەن. شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەڭ سەنئەتكارلارنىڭ ، كەڭ ئۈن-سىن مەركەزلىرىنىڭمۇ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بىقىشىنى، تەكلىپ-پىكىر ۋە ھەمكارلىق ئويۇڭلار بولسا ئۇچۇرقىلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن: -رېھسان. ئۈندىدار ئالاقە نۇمۇرىم: Rehsan ئېخەت ئادرېسىم: Rehsan@bulbulum.com Bulbulum@yahoo.com

收起

相关资讯

平均评分 5.4 595人
  • 5星 122
  • 4星 127
  • 3星 78
  • 2星 166
  • 1星 102
用户评分:
发表评论

评论

  • 暂无评论信息